- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ تۇرپان قاتتىق بوران ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
2014.06.04 09:03 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
2-ئىيۇن ، مۇخبىرنىڭ تۇرپان ساقچى تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، تۇرپان ۋىلايىتى قاتتىق بوران ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . تۇرپان ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىدا قاپسىلىپ قالغان 139 ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالغان .
31-ماي ، تۇرپان ۋىلايىتى قاتتىق بوران ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، تۇرپاننىڭ توقسۇن ناھىيەسىدىكى شامال ئېغىزى يول بۆلەكلىرىدە نۇرغۇن ئاپتوموبىل ۋە ئادەم قاپسىلىپ قالغان . تۇرپان ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:20 ئەتراپىدا قۇتقۇزۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان . نەتىجىدە ، 12 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت تىركىشىش ئارقىلىق ، قاپسىلىپ قالغان 50 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ۋە 139 ئادەم قۇتقۇزۋېلىنغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر