- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تۈركىيە-سۇرىيە چېگرىسى ۋاقتىنچە تاقالدى
2014.01.22 16:47 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
20-يانۋار، تۈركىيە كىلىس ئۆلكىسىدىكى تۈركىيە-سۇرىيە چېگرا رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئۆنجىپىنار چېگرا قاراۋۇلخانىسى
شىنخۇا تورى ، ئەنقەرە ، 21-يانۋار تېلېگراممىسى: تۈركىيە دوئان ئاگېنتلىقىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، 20-يانۋار كەچتىن باشلاپ سۇرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئورۇنلاردىكى بىر قىسىم قاراۋۇلخانىلارنى ۋاقتىنچە تاقىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان، تۈركىيەگە يېقىن بولغان سۇرىيە ئۆكتىچىلەر كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا توقۇنۇش ئۈزۈلمىگەن، بۇ توقۇنۇشلار 20-يانۋار تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۈركىيە سۇرىيە چېگرىسنى ۋاقتىنچە تاقىغان. بۇنىڭدىن باشقا، سۇرىيەدىكى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىۋاتقان توقۇنۇشلارغا قارىتا، تۈركىيە ھەربىي تەرەپمۇ تۈركىيە-سۇرىيە چېگرا رايونلىرىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە ئەسكەر سالمىقىنى كۈچەيتكەن.
20-يانۋار چۈشتىن كېيىن، تۈركىيەگە بىر قەدەر يېقىن بولغان سۇرىيە ئۆكتىچىلەر كونتروللۇقىدىكى رايوندا ئىككى قېتىم ئاپتوموبىل بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 60 تىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ۋە يارىلانغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر