باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنى ۋە سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىرىنچى ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك

2014.01.24 08:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرلىرىمىز فېڭ جىن، سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 21 - يانۋاردىن 22 - يانۋارغىچە، مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنى ۋە سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2013 - يىللىق سىياسىي - قانۇن خىزمىتى ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى يەكۈنلىدى، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىپ ۋە مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك سىياسىي - قانۇن خىزمىتى ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خىزمەتنىڭ نەزەردە تۇتۇلىدىغان نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە تەرتىپنى تەكىتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «شايكىلارنى بىتچىت قىلىش، ئۈچ قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش، ئۇلنى پۇختىلاش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىش»تەك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەسىرى ئېغىر، قەبىھ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ۋە پەۋقۇلئادە ئېغىر توپلىشىپ ۋەقە چىقىرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: 2013 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى سىجىل ياخشى بولدى، ئەلرايى تېخىمۇ مۇجەسسەملەندى؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملەندى، رولى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇلدى؛ مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرى ھەر تەرەپلىمە كۈچ بېرىپ، ئۈنۈمى يەنىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، سىياسىي - قانۇن ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى ئاساسى قاتارلىق جەھەتلەردە يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق نەزەردە تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچى ۋە ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. تەجرىبە - ساۋاقلارنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئاجىز ھالقىلار، يوشۇرۇن خەۋپ ۋە يوچۇقلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن تېپىپ چىقىپ، ئالاھىدىلىكنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، قانۇنىيەتنى يەنىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 - يىللىق سىياسىي - قانۇن، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ئومۇمىي تەلىپى شۇكى، پارتىيەنىڭ 18 - قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، خىزمەتنىڭ نەزەردە تۇتۇلىدىغان نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە تەرتىپنى تەكىتلەش، «شايكىلارنى بىتچىت قىلىش، ئۈچ قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش، ئۇلنى پۇختىلاش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىش»تەك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەسىرى ئېغىر، قەبىھ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر توپلىشىپ ۋەقە چىقىرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەم ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھەمىشە ھوشيار تۇرۇش، ھەم روھنى ئۇرغۇتۇپ، پىلان تۈزۈش، ھەم مەۋقەنى ھازىرقى ئەھۋالغا قويۇپ، قاتتىق زەربە بېرىشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش، ھەم ئۇزاق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تەدبىرلەرنى ھەر تەرەپلىمە يولغا قويۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاساسىي جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرى ۋە تاكتىكىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە تېز، توغرا، قاتتىق ۋە قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە دائىر ئاساسىي فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دىن خىزمىتىنى دىننىڭ قائىدىسى بويىچە ياخشى ئىشلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلاملارنى چىڭ تۇتۇش، ئاساسنى پۇختىلاش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى؛ شىجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈپ ۋە ئۇلارنى بەختلىك قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىشى؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۇتقا»لىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتكوم ۋە سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە كادىرلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىرىنچى ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت قاتتىق جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشى؛ سىياسىي قانۇن كادىر - ساقچىلىرى خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، زور، قەبىھ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيۇڭ شۇەنگو بۇ يىللىق سىياسىي - قانۇن ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، ليۇ لېي، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر