باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل سۇ، توك، گاز باھا ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2014.01.23 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى پۇمىن 22-يانۋار مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بايلىق باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توك، گاز، سۇ، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى سۇ، توك، گاز قاتارلىقلارنىڭ پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  لى پۇمىن مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ بايلىق باھاسى ئىسلاھاتىدا، قويۇۋېتىش، قۇرۇش، ساقلاشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇلىدۇ. قويۇۋېتىش-بازاردا باھا شەكىللەنسە، قەتئىي بازارغا تاپشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ ۋاقتىنچە قويۇۋېتىش شەرتىنى ھازىرلىمىسا، باھا قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىنىپ، بازارنىڭ تەمىنات-تەلىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بايلىقنىڭ قىسلىق دەرىجىسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇش تەننەرخى، ئوڭشاش ئۈنۈمىنىڭ باھا ئەھۋالى مېخانىزمى بەرپا قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، لى پۇمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى باھا ئىسلاھاتىدا، مۇۋاپىق پەرق ئاساسى ۋە ئاساسلىق بولمىغان تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان توك، گاز، سۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر