باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش نىسبىتى %97 تىن ئاشتى

2014.01.23 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىشانلىق باھا تۈزۈمى نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، ئاشلىق باھاسى يۇقىرى بولغاندا، كىرىمى تۆۋەن ئىستېمالچىلارغا تولۇقلىما بېرىلىدۇ، ئاشلىق باھاسى تۆۋەن بولغاندا، دېھقانلارغا تولۇقلىما بېرىلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 22-يانۋار مەركەزنىڭ 1-نۇمۇرلۇق ھۆججىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مەركىزىي يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گۇرۇپپا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن شىۋېن بىلەن مەركىزىي يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ رېنجيەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. چېن شىۋېن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى ئومۇمىي مىقدارى 1 تىرىليون 200 مىليارد جىڭغا يېتىپ، 24 مىليارد 710 مىليون جىڭ ئاشتى، 2003-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا مەھسۇلات مىقدارى 342 مىليارد 550 مىليون جىڭ كۆپەيدى. ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا 10 ئېشىشى ئاسان ئىش ئەمەس.

  چېن شىۋېن مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، دانلىق زىرائەت بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەشكە، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەزى رايونلار كۆممىقوناقنى ئاساسىي ئاشلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق مەملىكەت مىقياسىدىن ئېيتقاندا، 200 مىليون توننىدىن ئارتۇق كۆممىقوناق مەھسۇلاتىنىڭ ھەقىقىي ئاساسىي يېمەكلىك قىلىپ ئىستېمال قىلىنىش نىسبىتى %20كىمۇ يېتمەيدى. ھازىر ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەندە ئەمەلىەيتتە بۇغداي بىلەن گۈرۈچنى كۆزدە تۇتىمىز. بۇغداي بىلەن گۈرۈچنىڭ ئىمپورت نىسبىتى دۆلىتىمىزنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %2.5~%2.6 نى ئىگىلەيدۇ، %97 دىن ئارتۇقراقىنى ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇغداي ۋە گۈرۈچ بىلەن ئۆزىمىزنى تەمىنلەش جەھەتتە بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشىمىز كېرەك. (جۇ جۈن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر