- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۆلىتىمىز ئالاقە تورى سىرلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، مۇناسىۋەتلىك IP ئامېرىكىدىكى بىر شىركەتكە ئۇلىنىپ قالدى
2014.01.23 16:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىز ئىنتېرنىېت تورىنىڭ قىسمەن ئابونتلىرى 21-يانۋار پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، شۇ كۈنى سائەت 15تىن 10 مىنۇتلار ئەتراپىدا، دۆلەت ئىچىدىكى ھەممىباپ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك يىلتىز دائىرە نامى مۇلازىمىتىرىدا يىشىش بىنورمال بولۇپ، قىسمەن دۆلەت ئىچى ئابونتلىرى قاتارلىق .com قاتارلىق دائىرە نامى تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلالمىدى. دەسلەپكى ستاتېستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدىكى 3 تىن 2 قىسىم تور بېكەتلەر تەسىرگە ئۇچرىغان. كاشىلا كۆرۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئابونتلىرى زىيارەت قىلغاندا، بىر IP ئادرىسىغا سەكرەپ كەتكەن، بۇ ئادرىس كۆرسەتكىنى بولسا ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا شتاتى كالى بازىرىدىكى بىر شىركەت ئىكەن. «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ كۆپ تەرەپتىن ئىسپات ئېلىشى بىلەن، DynamicInternetTechnology ناملىق بۇ شىركەتنىڭ دەل «ئەركىنلىك ئىشىكى» تامدىن ئارتىلىش يۇمشاق دېتالىنى ياسىغۇچى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر