باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى شاڭخەيدىن باشقا رايونلارنىڭ ئەركىن سودا رايونى بولمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2014.01.26 10:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 12 يەرلىك ئەركىن سودا رايونى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن، ھازىر كۆپلىگەن مىنىستىرلىق كومىتېتلار بىرلىشىپ تەكشۈرىۋېتىپتۇ، سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش يەر شارى ئىقتىساد-سودا تەرەققىيات يېڭى يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىش، تېخىمۇ پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا ئېچىۋىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، بۇ ئىسلاھاتنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋىتىشنى كېڭەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىغا 2013-يىلى 29-سىنتەبىر ۋېۋىسكا ئېسىلغاندىن بۇيان، تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتپلىك ئىشلىنىپ ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا «ھازىرىقى سىناق ئاساسىدا، بىر قانچە شارائىتى ھازىرلانغان جايلاردا ئەركىن سودا رايونىنى كۆپەيتىش» ئوتتۇرغا قويۇلدى. ھازىر، بىر قسىم ئۆلكە، شەھەرلەر ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ئىلتىماسىنى سۇندى، بىز بۇلارنى تەتقىق قىلىپ دەلىللەۋاتىمىز، گوۋۇيۈەن شاڭخەيدىن باشقا ھەر قانداق رايوننى تېخى ئەركىن سودا رايونى قىلىپ تەستىقلىمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر