باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

قىزىل سىزىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2014.01.24 08:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 22 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نۇر بەكرى يىغىندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەكتىكى تەپەككۇر ۋە قىزىل سىزىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدىكىلەر قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، تەڭ تۇتۇپ، بىرلىكتە باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ روشەن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: 2013 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىك كۈچلۈك، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتتىق بولدى، ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتى پۇختا ئىشلەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى سىجىل، مۇقىم ياخشىلىنىشتەك ھالەت شەكىللەندى. ئەمما، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە يەنىلا نۇرغۇن مەسىلە مەۋجۇت، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدا يەنىلا ھادىسە كۆپ بولۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىگە ئېغىر زىيان سالدى.

  نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قاتار مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلققە مەسئۇل بولۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. پولاتتەك ئىرادە، پۇختا تەدبىر، قاتتىق ئىنتىزام، كۈچلۈك ۋاسىتە بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئۈستىگە ئېلىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

  نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: چاغان كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار كۈچنى تەشكىللەپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چاغاننى خۇشال، ئىناق - ئىجىل، بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر