باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇبېي ئۆلكىسى بىر بالىلىق بولۇش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلماقچى

2014.01.22 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇبېي ئۆلكىلىك ئىككى يىغىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، خۇبېي ئۆلكىسى بىر بالىلىق بولۇش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش لايىھەسى تۈزۈۋاتقان بولۇپ، مۆلچەردە 6-ئايدىن بۇرۇن يولغان قويۇلىدىكەن.

  خۇبېي ئۆلكىلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يوۋۋاڭنىڭ دېيىشىچە، بىر بالىلىق بولۇش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىشتىن باشقا، سىياسەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىككى بالىلىق بولۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلىدىكەن. تۇغۇت مۇلازىمەت كىنىشكىسى ئادەتتە تۇغۇش ئىجازەتنامىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى خۇبېينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يولغا قويۇلغان، ئەر-خوتۇنلار بىرىنچى بالىسىنى تۇغماقچى بولغاندا، چوقۇم تۇغۇش ئىجازەتنامىسى ئېلىش كېرەك ئىدى. 2013-يىلى خۇبېيدا تۇغۇلغان نوپۇس ئىچىدە بىرىنچى بالا تەخمىنەن 520 مىڭ بولغان. تۇغۇش ئىجازەتنامىسىنى بېجىرىش مۇرەككەپ بولۇپ، نۇرغۇن ئامما نارازى ئىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر