باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر مىليون 500مىڭ دېھقان –ئىشلەمچىنىڭ نېسى قالغان ئىش ھەققى تولۇقلاپ تارقىتىپ بېرىلدى

2014.01.23 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇئاۋىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى چيۇ شاۋپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 15-يانۋارغىچە، مەملىكەت بويىچە بىر مىليون 500مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچىگە نېسى قالغان ئىش ھەققى ۋە تۆلەم پۇلى بولۇپ جەمئىي 10مىليارد 900مىليون يۈەن تارقىتىلدى.

  23-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، مۇئاۋىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى چيۇ شاۋپىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، چاغاندىن بۇرۇن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تۆلەش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا توردا سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

  چيۇ شاۋپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنستىرلىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىلەن بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى 501مىڭ 400 ئورۇن تەكشۈرۈلگەن، بۇ 22مىليون 238مىڭ 600 دېھقان ئىشلەمچىگە چېتىلىدىكەن، بىر مىليون 502مىڭ 900دېھقان ئىشلەمچىنىڭ نېسى قالغان ئىش ھەققى ۋە تۆلەم پۇلى بولۇپ 10 مىليارد 887مىليون يۈەن پۇلى تولۇقلاپ تارقىتىپ بېرىلگەن، ئەمگەك ئىش ھەققىنى بەرمەسلىك دېلوسىدىن 980ى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغان بولۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسى 53نى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغان.

  بۇ قېتىملىق مەخسۇس قانۇن ئىجراسى تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، بىر تۈركۈم دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشتەك قانۇنغا خىلاپ دېلو ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشتەك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتكە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى قوغدالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر