- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ليۇ يۈنشەن ئىككىنچى تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى
2014.01.22 15:36 مەنبە: خەلق تورى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈەنشەن 21-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن 1-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەس ۋە 2-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچ تۇيغۇسىنى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، 2-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، پائالىيەتتە پۈچەكلىك، ساختىلىق، بىر تەرەپلىمىلىك، شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىپ، ئامما رازى بولغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر