- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە جۇڭگو رەھبەرلىرى ئابى شېنزو بىلەن كۆرۈشمەيدۇ
2014.01.22 15:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 21-يانۋار دېلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەگە بېرىپ سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى جۇڭگو-چەتئەل مۇخبىرلىرى قاتناشقان خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى. بىر مۇخبىر: «ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شېنزومۇ بۇ قېتىملىق ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ، جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئۇچرىشىشقا ئورۇنلاشتۇرامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى چېڭ گوپپىڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ياپونىيە رەھبىرى خاتا مەيدانىنى تەلتۆكۈس تۈزەتمىگۈچە، جۇڭگو تەرەپ ئۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق شەكىلدە ئۇچرىشىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاشمايدۇ.» (جاۋ چېڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر