باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2014-يىللىق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى بېكىتىلدى

2014.01.22 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2014-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر تۇتاش ئېلىنغان گۈزەل سەنئەت كەسپى ئىمتىھانى قەغىزىنى تەكشۈرۈش، بېكىتىش خىزمىتى ئاياقلىشىپ، ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى يېقىندا بېكىتىلدى: تولۇق كورس لاياقەتلىك نومۇر سىزىقىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى 180، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى پەننىڭ نومۇرى 60 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى؛ مەخسۇس كورسنىڭ لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى ئومۇمىي نەتىجىسى 172 نومۇر.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل ـ سەنئەت بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا داۋاملىق ئىمتىھان قەغىزىنى شىنجاڭ بويىچە بىر تۇتاش باھالاش يولغا قۇيۇلغان، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى گۈزەل ـ سەنئەت تۈرىدىكى كەسپىي بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى ئۇچۇرىنى 21-يانۋار بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:00دىن باشلاپ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzs.edu.cn)دىن ئەسكەرتمە بويىچە تەكشۈرسە بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2014-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا كەسپى بىر تۇتاش ئىمتىھانى 19-يانۋار غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە 1583 ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا قاتناشقان، ئىمتىھان بىر تۇتاش شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئېلىنغان. مۆلچەرلىنىشىچە 25-يانۋاردىن كېيىن نەتىجە ۋە نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر