باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون يەنە 24 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

2014.01.24 09:46         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى 1-ئايدا 30 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئاپتونوم رايون يەنە بىر قېتىم 24 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى . 20-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى توردا بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلىدى .

  بۇ قېتىم ئاپتونوم رايون جەمئىي 24 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ، ئالتە تۈرنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەرگەن ، ئىككى تۈرنى ئۆزگەرتكەن ، 92 تۈرنى 26 تۈرگە ئىخچاملىغان . بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى ، پەن-تېخنىكا نازارىتى ، ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسى ، سەھىيە نازارىتى ، سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى ، تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماققا چېتىلىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە سەھىيە نازارىتى ئەمەلدىن قالدۇرغان تۈرلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ ، يودلۇق تۇز پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ سەھىيە ئىجازىتى ، 2-تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر باكتېرىيەسى (زەھەر) تۈرلىرىنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ تەستىقى ، داۋالاش ئورگانلىرىدا ياسالما دورىلار ئىشخانىسى تەسىس قىلىش تەستىقى قاتارلىق جەمئىي 14 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .

  تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ ېبرىلگەن ئالتە تۈرنىڭ ئىچىدە تۆت تۈر سەھىيە نازارىتىنىڭ ، بىر تۈر تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ، بىر تۈر ئاشلىق-يېمەكلىك ئىدارىسىنىڭ تۈرلىرىدىن ئىبارەت ، بۇنىڭدىن باشقا ، ئۆزگەرگەن ئىككى تۈر ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تۈرى ئىكەن .

  ئىخچاملانغان 92 مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى مەدەنىيەت نازارىتى ، پەن-تېخنىكا نازارىتى ، خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى ، يېمەكلىك–دورىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ، سەھىيە نازارىتى، ئورمانچىلىق نازارىتى ، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماققا چېتىلىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك ، دورىنى نازارەت قىلىش ، باشقۇرۇش ئىدارىسى جەمئىي 35 تۈرنى ئالتە تۈرگە ئىخچاملىغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر