باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

(مۇھىم) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلانى

2014.01.24 10:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى›› (گ ”2013“ 44 – نومۇرلۇق) ھۆججەتنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى تەشكىللەپ، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، مەمۇرىي تەستىق تۈرىدىن 13نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، 19نى تەڭشەشنى قارار قىلدۇق. ئەمدى ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىمىز.

  1. جايلار، تارماقلار مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، كېيىنكى نازارەتچىلىك، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش تەلىپى بويىچە، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرتىپنى چىڭىتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

  2.مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقان ئورگان مەمۇرىي تەستىق تۈرى، ئاساسى، شەرتى، سانى، تەرتىپى، سۈرۈكى، شۇنداقلا باشقۇرۇلغۇچى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بارلىق ماتېرىياللارنىڭ مۇندەرىجىسى ۋە ئىلتىماسنامىنىڭ ئۈلگە نۇسخىسى قاتارلىقلارنى ئىش بېجىرىش سورۇنىدا ئاشكارىلىشى لازىم. ئاشكارىلانمىغان مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ.

  3. قانۇن بويىچە يولغا قويۇلىدىغان مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىدىن ھەق ئېلىشقا چېتىلىدىغانلىرىنى مالىيە، تەرەققىيات – ئىسلاھات تارمىقى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ، ھەق ئالىدىغان ئورگان ھەق ئېلىش تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاپ، نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىدۇ.

  قوشۇمچە: 1.ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تۈرلەر (13 تۈر)

  2. تەڭشەلگەن تۈرلەر (19 تۈر)

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

  2014 – يىل 10 – يانۋار

  قوشۇمچە 1:

  ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تۈرلەر (13تۈر )

  1.كۆمۈر سانائىتى ئىدارىسى (ئىككى تۈر)

  1) كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى بېرىش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹كۆمۈر قانۇنى››

  2) كۆمۈر تىجارىتى كارخانىسى قۇرۇشنى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹كۆمۈر قانۇنى››

  2. مائارىپ نازارىتى (ئىككى تۈر)

  1) پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تەكلىپ قىلىشنى تەستىقلاش.

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹پۇقراۋى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى››

  2) ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان، تەڭشىگەن ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلەنگەن دائىرىدىن چىقىپ كەتكەن مەكتەپ نامىنى ئىشلىتىشنى تەستىقلاش.بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› (گ ب”2000“ 3 – نومۇرلۇق)، ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ھەقىقەتەن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىدە مەمۇرىي ئىجازەتنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 412 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  3.تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى (بىر تۈر)

  1) خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتىنىڭ قەرز پۇل تۈرى ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قەرز پۇل تۈرىدە خەلقئارادا خېرىدار چاقىرىلغان، دۆلەت ئىچىدە خېرىدار چىققان ماشىنا – ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بويىچە ئىمپورت قىلىنغان زاپچاسلاردىن تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەمۇرىي ئىجازەتتىن باشقا بىر قىسىم تەستىق تۈرلىرىنى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› (گ ب ”2004“ 62 – نومۇرلۇق)

  4.تۇز ئىشلىرى ئىدارىسى (بىر تۈر)

  1) تۇز ئىشلەش تۈرلىرىنى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى قارارى›› (گ ”2004“ 20 – نومۇرلۇق)

  5. خەۋەرلىشىش ئىدارىسى

  1) خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى تۈرىگە خېرىدار چاقىرىش ۋاكالەتچى ئاپپاراتلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش قانۇنى››، ‹‹گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيىتىنى مەمۇرىي جەھەتتىن نازارەت قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى توغرىسىدىكى پىكرىنى تارقىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› (گ ب ”2000“ 34 – نومۇرلۇق)

  6. ئورمانچىلىق نازارىتى (تۆت تۈر)

  1) قىسقا مۇددەتتە كېسىلىدىغان سۈنئىي ماتېرىيال ئورمىنىنىڭ مىقدارى ۋە پىشقان ھۈنەر – سەنئىتى كونكرېت ئۆلچىمىنى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ سۈنئىي ماتېرىيال ئورمىنى كېسىشنى باشقۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› (ئو ب ”2002“ 191 – نومۇرلۇق)

  2) نورمالسىز يول بىلەن كەلگەن قۇرۇقلۇق جانلىقلىرى، ياۋا ھايۋاناتلار ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ نورمالسىز يول بىلەن كەلگەن قۇرۇقلۇق جانلىقلىرى، ياۋا ھايۋاناتلار ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› (ئو ئا ئۇ ”1992“ 18 – نومۇرلۇق)

  3) دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئورمانچىلىققا ئائىت پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش پىلانى تۈرىنى تەستىقلاشبۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئورمانچىلىققا ئائىت پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش پىلانىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› (ئو پ ”2002“ 252 – نومۇرلۇق)

  4) ئىمپورت قىلىنغان ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن ھەرىدەلگەنلىرىنى ئېكسپورت قىلىش سىنىقى قىلىدىغان كارخانىلارنى ئەنگە ئېلىش ۋە ئۇلارغا ئىجازەت بېرىشبۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹ئىمپورت قىلىنغان ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن پىششىقلايدىغان ھەرىدەلگەنلىرىنى ئېكسپورت قىلىش سىنىقىنى باشقۇرۇش چارىسى›› (ئو پ ”2001“ 560 – نومۇرلۇق)

  7. يەرلىك باج ئىدارىسى (بىر تۈر)

  1) باج تىزىملىتىش (تىجارەت باشلاش، ئۆزگەرتىش، كىنىشكا تەكشۈرتۈش ۋە كىنىشكا ئالماشتۇرۇش)نى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹باج ئېلىش – باشقۇرۇش قانۇنى››، ‹‹باج ئېلىش – باشقۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 362 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  8. يەر تەۋرەش ئىدارىسى (بىر تۈر)

  1) يەر تەۋرەش بىخەتەرلىكى بويىچە باھالىغۇچىلارنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيىتىنى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ھەقىقەتەن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىدە مەمۇرىي ئىجازەتنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 412 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  قوشۇمچە ئىككى:

  تەڭشەلگەن تۈرلەر (19 تۈر)

  1.گوۋۇيۈەننىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى يولغا قويىدىغان تۈرلەر ( 18 تۈر)

  1) تۇز ئىشلىرى ئىدارىسى (بىر تۈر)

  نۇقتىلىق ئاشتۇزى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹ئاشتۇزى مەخسۇس تىجارىتى چارىسى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 197 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  2) مۇھىت ئاسراش نازارىتى (بىر تۈر)

  (1) گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەسئۇل بولغان خەتەرلىك تاشلاندۇق تىجارىتىگە ئىجازەت بېرىش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىت بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنى››، ‹‹خەتەرلىك تاشلاندۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 408 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  3) قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى (بىر تۈر)

  (1) چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ يول تىرانسپورت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تۇرغۇزۇشنى تەستىقلاش.

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹چەت ئەل سودىگەرلىرنىڭ يول تىرانسپورت كەسپىگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى›› (قاتناش مىنىستىرلىقى، تاشقى سودا – ئىقتىساد ھەمكارلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ 2001 – يىلى 9 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  4) مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) (بىر تۈر)

  (1) جۇڭگودىكى چەت ئەللىكلەر كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقىتلىق ئورۇننى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ھەقىقەتەن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىدە مەمۇرىي ئىجازەتنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 412 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  5) مەدەنىيەت نازارىتى (بەش تۈر)

  (1) گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى ئىمپورت – ئېكسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيەتلىرىنى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ھەقىقەتەن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىدە مەمۇرىي ئىجازەتنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 412 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  (2) شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق مەبلەغ سالغۇچىلار ئىچكى جايلاردا مەبلەغ سېلىپ شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ياكى مۇستەقىل مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئويۇن قويۇش ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرىنى تەستىقلاشبۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى (گوۋۇيۈەننىڭ 528 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  (3) شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق مەبلەغ سالغۇچىلار ئىچكى جايلاردا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان شېرىكلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ياكى مۇستەقىل مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئويۇن قويۇش تىجارەت سورۇنلىرىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلارنى تەستىقلاش.

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 528 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  (4) تەيۋەن رايونىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئىچكى جايلاردا مەبلەغ سېلىپ شېرىكلىشىپ، ياكى ھەمكارلىشىپ قۇرغان ئويۇن قويۇش سورۇنلىرىنى ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرىنى تەستىقلاش.

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 528 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  (5) تەيۋەن رايونىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئىچكى جايلاردا مەبلەغ سېلىپ شېرىكلىشىپ ياكى ھەمكارلىشىپ قۇرغان ئويۇن قويۇش تىجارەت سورۇنلىرىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلارنى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 528 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  6) مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى (بىر تۈر)

  (1) ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئاز مىقداردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى پەن تەتقىقات ئەۋرىشكىسى قىلىپ ئېلىپ قېلىشىغا ئىجازەت بېرىش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى››، ‹‹مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 377 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  7) يېمەكلىك – دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى (بىرتۈر)

  (1) رايون خاراكتېرلىك توپ تارقىتىدىغان كارخانىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەمۇرىي تەۋەلىكىدە ناركوز دورىلىرى ۋە 1 – تۈردىكى روھىي كېسەل دورىلىرىنى ئىشلىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ناركوز دورىلىرى ۋە 1 – تۈردىكى روھىي كېسەل دورىلىرىنى سېتىشنى تەستىقلاش.

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 442 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  ئىزاھات: بۇ تۈر ‹‹ئالاھىدە دورا (ئاقسىلغا ئوخشىتىپ ياسالغان دورىلار، پېپتىد ھورمون)نى تەستىقلاش››نىڭ تارماق تۈرى بولىدۇ.

  8) دېھقانچىلىق نازارىتى (بىر تۈر)

  (1) دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى باشقۇرىدىغان دۆلەتنىڭ 1 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىشنى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش نىزامى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 204 – نومۇرلۇق پەرمانى)، ‹‹يېزا ئىگىلىكىدە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش چارىسى›› (يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 2002 – يىلى 21 – نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشى)

  9) چارۋىچىلىق نازارىتى (ئۈچ تۈر)

  (1) زور ھايۋانات يۇقۇمىدا كېسەللىك ماتېرىياللىرىنى يىغىشنى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹زور ھايۋانات يۇقۇمىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش نىزامى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 450 – نومۇرلۇق پەرمانى)، ‹‹كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو جانلىقلار تەجرىبىخانىسىدىكى جانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 424 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  (2) يەم – خەشەك خۇرۇجى، خۇرۇج ئارىلاشتۇرۇپ يەم – خەشەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنى قۇرۇشنى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹يەم – خەشەك ۋە يەم – خەشەك خۇرۇجىنى باشقۇرۇش نىزامى›› (گوۋۇيۈەننىڭ 609 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  (3) كەسپىي مال دوختۇرلق سالاھىيىتىنى بېكىتىشبۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹ھايۋانات يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى››

  10) دېھقانچىلىق نازارىتى، چارۋىچىلىق نازارىتى، ئورمانچىلىق نازارىتى (ئۈچ تۈر)

  (1) زىرائەت ئۇرۇقى تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتىنى باھالاپ بېكىتىش (دېھقانچىلىق نازارىتى)بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹ئۇرۇق قانۇنى››، ‹‹زىرائەت ئۇرۇقى پىرىيومچىلىرىنى باھالاش، باشقۇرۇش چارىسى›› (يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 2005 – يىلى 49 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  (2) ئوت – چۆپ ئۇرۇقى تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش (چارۋىچىلىق نازارىتى)

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹ئۇرۇق قانۇنى››، ‹‹ئوت – چۆپ ئۇرۇقىنى باشقۇرۇش چارىسى›› (يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 2006 – يىلى 56 – نومۇرلۇق پەرمانى)

  (3) دەل – دەرەخ ئۇرۇقى تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنى باھالاپ بېكىتىش (ئورمانچىلىق نازارىتى)

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹ئۇرۇق قانۇنى››

  ئىزاھات: بۇ ئۈچ تۈر ‹‹ئۇرۇق سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ۋە تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش››نىڭ تارماق تۈرى

  2.گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاپتونوم رايون ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مەمۇرىي مەھكىمىلەرنىڭ تارماقلىرىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن تۈر (بىر تۈر)

  1) مالىيە نازارىتى (بىر تۈر)

  (1) بوغالتىرلىق ھېساب خاتىرىلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنى تەستىقلاش

  بۇ تۈرنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى: ‹‹بوغالتىرلىق قانۇنى››

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر