باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغاندىن بۇرۇن شىنجاڭنىڭ ئىچىدە قاتنايدىغان لىنىيەلەرنىڭ ئايروپىلان بېلىتى تېخىمۇ ئەرزان

2014.01.24 09:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22-يانۋار مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى، خەينەن ئاۋىياتسىيەسى تارماق شىركىتىنىڭ تىجارەت بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، چاغاندىن بۇرۇن، شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى لىنىيەلىرىگە قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار باھالىق بېلىتى تولۇق ئىكەن، بىراق شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىگە بارىدىغان ئايروپىلاننىڭ باھاسى قىممەت ئىكەن.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ بازار بۆلۈمى تارقاتقان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، چاغاندىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، خوتەنگە بارىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى %82 ئەتراپىدا، قايتىش بېلىتى %75 ئەتراپىدا ئېتىبار باھادا سېتىلىدىكەن؛ ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بارىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى %83 ئەتراپىدا ئېتىبار قىلىنىدىكەن؛ قايتىش بېلەت باھاسى %85 ئەتراپىدا ئېتىبار قىلىنىدىكەن؛ ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان ئەتىگەنلىك ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى %85 ئەتراپىدا ئېتىبار قىلىنىدىكەن، قايتىش بېلىتىنىڭ باھاسى %80 ئەتراپىدا ئېتىبار قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، چاغان ھارپىسىدا نورمال خىزمەت قىلىنىدىغان بولغاچقا، چاغاندىن بۇرۇنقى يولۇچىلار ئېقىمى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن ئاز بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر