باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرەيلى

2014.01.20 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى» ‐‐ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇدا 11-قېتىم ئېلان قىلغان يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە ئائىت «1-نومۇرلۇق ھۆججەت» تۇر. ھۆججەتتە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەكىتلەندى، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى سىياسەت، يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇ يېزا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى بېيىتىپ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

  ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۇدا ئون يىل ئاشتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئۇدا ئون يىل تېز كۆپەيدى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2013-يىلى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتى ئىزچىل ياخشى بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 12 تىرىليون جىڭغا يەتتى، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقى داۋاملىق كىچىكلىدى، يېزا ئىسلاھاتى چوڭقۇرلىشىشقا يۈزلىنىپ، يېزىلاردىكى خەلق تۇرمۇشىدا يېڭى ياخشىلىنىش بولدى، يېزا جەمئىيىتى ئىناق ۋە مۇقىم بولدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر