باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئافغانستانلىق ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئەيىبلەندى

2014.01.17 17:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى 15- يانۋار كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 14-يانۋار كەچتە ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى پارۋان ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلىپ 8 پۇقرانىڭ قازا قىلىشنى ۋە بىر پۇقرانىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۇزاقتىن بۇيان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاننىڭ كەنتلىرى ۋە شەھەر بازارلىرىدىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشنى ئىزچىل تۈردە تەلەپ قىلىپ كەلدى. يېقىندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما يەنە خەت يېزىپ،ئافغانىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىگە بۇ جەھەتتە كاپالەتلىك بەردى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ پۇقرالارنىڭ يارىلىنىش ۋە قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى ۋەقە يۈز بەرگە ئورۇنغا ئەۋەتتى، ھەمدە ئۈچ كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى پىرېزىدېنت كارزائىغا تاپشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر