باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 2–يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

2014.01.20 16:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2014–يىل 1–ئاينىڭ 19–كۈنى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2–يىغىنىدا ماقۇللاندى) جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنى 2014 – يىل 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 19 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  يىغىن رەئىس نۇرلان ئابىلمەجىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە مۇئاۋىن رەئىس رىزۋان ئەبەينىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ھەمدە قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى تولۇقلاپ سايلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى يولداش نۇر بەكرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلدى، پىلان ۋە خامچوت دوكلاتى، شۇنداقلا، سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلدى.

  يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆتكەن بىر يىل شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى تولىمۇ ئۆزگىچە بىر يىل بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە 8 – نۆۋەتلىك 4 – ، 6 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش جەريانىدا ئۆزگىرىش ياساش››تىن ئىبارەت ئاساسىي خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي تېما لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ‹‹مۇقىم ئاشۇرۇش، مال باھاسىنى تىزگىنلەش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش››كە دائىر خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ۋە تېز تەرەققىي قىلدۇردى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئامما ئارىسىدا ياخشى روھىي ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا يېڭى ۋە پۇختا قەدەم تاشلىدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ مېلودىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹مەن يارايمەن›› دەيدىغان سۇبيېكتلىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ‹‹مەسئۇلىيەتچان›› سىياسىي كېڭەش كىشىلىرىدىن بولۇپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىر، يېڭى روھ، يېڭى ھەرىكەت ئارقىلىق فۇنكسىيەنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى چوقۇم شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى يۈزلىنىۋاتقان ‹‹ئۈچ چوڭ تارىخىي پۇرسەت››نى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشىنى مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەۋقەنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قارىتىپ ھەمدە ئۇنى بىرىنچى ۋەزىپە سۈپىتىدە تونۇپ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، پۇرسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: يېڭى پۇرسەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە ئاساسەت، چوقۇم پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتكومدىن يوليورۇق سوراپ ۋە پارتكومغا خىزمەتتىن دوكلات قىلىپ، ئاڭلىق يوسۇندا خىزمەتلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە قانات يايدۇرۇش، پارتكوم بىلەن يۆنىلىشتە بىردەك بولۇش، نىشاندا بىردەك بولۇش، خىزمەتتە بىردەك بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيلىقىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزلىشىپ، سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى جەھەتتىكى مۇھىم يوللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئالدىدا يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇل بولۇش روھى بويىچە، كۆڭلىگە ئومۇمىيلىقنى پۈكۈپ، دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تىرىشىپ ‹‹باش قاتۇرۇشى››، ‹‹تەدبىر كۆرسىتىشى››، ‹‹كۈچ چىقىرىشى›› كېرەك. كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چوڭ – چوڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، گۇماندىن خالاس قىلىش، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەش، ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىق ۋە ئىناقلىق ئامىللىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىش ئارقىلىق ئىجابىي كۈچ توپلاش كېرەك. ئومۇمىيلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، چارە – تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار توپلىنىش، ئەقىل – پاراسەت مۇجەسسەملىشىشتىن ئىبارەت ئۈستۈنلۈكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چارە – تەدبىرنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن ئەقلىي مەدەت يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەرىكەتتە تەشەببۇسكار بولۇش كېرەك. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ئاساسىي قاتلامغا باشلامچىلىق بىلەن چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشقا، ئېچىۋېتىش، مەدەنىي بولۇش ئىدىيەسىنى تىكلەشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق كۈچەيتىشكە، دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك. شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، تەشۋىق قىلىش ۋە مەدھىيەلەش، تىرىشقاندىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇش، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، دادىل ئۈستىگە ئېلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن پۈتۈن تىرىشچانلىقى بىلەن مەسلىھەت بېرىپ، دادىل چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىشەنچىسىنى تىكلەپ، تۈرلۈك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك.

  يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئويۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تىرىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر