باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 2–يىغىنىدىكى تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى

2014.01.20 16:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2014–يىل 1–ئاينىڭ 19–كۈنى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنى مەزگىلىدە، ھەرمىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى نىشانلاپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، تەكلىپتىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە چارە – تەدبىر كۆرسەتتى. 2014 – يىل 1 – ئاينىڭ 17 – كۈنى سائەت 00:20گىچە 870 تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ‹‹تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى››گە ئاساسەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 822 تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، بۇ ئومۇمىي تەكلىپنىڭ %94.5 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ ئەزالاردىن كەلگەن خەت شەكلىدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەتقىق قىلىشى ۋە پايدىلىنىشىغا يوللانغىنى 48 بولۇپ، ئومۇمىي تەكلىپنىڭ %5.5ىنى ئىگىلەيدۇ. ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە ئەزالار تاپشۇرغان تەكلىپ 700، پارتىيە ، گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار تاپشۇرغان تەكلىپ 95، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى تاپشۇرغان تەكلىپ يەتتە، ساھەلەر ۋە بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ تاپشۇرغان تەكلىپ 20 بولدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىنغا تاپشۇرۇلغان تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇمى مول، سۈپىتى يۇقىرى بولدى، تەكلىپلەر ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە ئۇزاق ئەمىنلىككە دائىر تەكلىپ 117، مەسىلەن: مىللەتلەر ئارا ئالاقە قىلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە بىرىكىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ‹‹بىرگە قارشى تۇرۇش، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش››نى تېزدىن قانۇن – تۈزۈم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش؛ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش؛ جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيە ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار؛ پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە سۇنۇلغان تەكلىپ 437، مەسىلەن: ئۈستۈنلۈككە ئىگە كان بايلىقلىرىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆمۈر پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش؛ ئوتتۇرا، كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يار – يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ بايلىق بېجى ئېلىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىي قىلالمىغان جايلارنىڭ كالا، قوي باقمىچىلىق كەسپىگە يار – يۆلەك بولۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش؛ دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش؛ ئۇل ئەسلىھەلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئېكولوگىيە تۆلەم مېخانىزمىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار تەكلىپ 268، مەسىلەن: ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن قىزلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مىللىي رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان كەسپىي مائارىپ تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش؛ ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئانا – بالىنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش؛ يېزىلاردىكى تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى مەخسۇس تۈر تولۇقلىما پۇلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەرنى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپ تاپشۇرۇش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەر ئۆز ۋاقتىدا ئەنگە ئېلىنىدۇ ھەمدە بېجىرىشكە تاپشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر