باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

غەرپ ئەللىرىنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولدى

2014.01.20 09:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2011-يىلى 3-ئايدا ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر سۈرىيە شەھەر كوچىلىرىنى ئىشغال قىلغاندا پىرېزىدېنت باشار ئامېرىكا ۋە غەرپ ئەللىرىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ، مەجبۇرى تەختتىن چۈشۈش تەلەپ قىلىنغان ئىدى، چەتئەل تاراتقۇلىرى ئىلگىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىغان ئىدى: باشار ھاكىمىيىتى تۇنىس ۋە مىسىرغا ئوخشاش تەختتىن چۈشۈش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپمۇ باشار تەختتىن چۈشمىگەننىڭ ئۈستىگە يەنە دىپلوماتىيە ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، غەرپ ئەللىرى ئۇنىڭغا بولغان پوزىتىسيەسىنى بىراقلا ئۆزگەرتتى، بۇنىڭغا قارىتا خەلقئارا جامائەتچىلىك: باشار ئاخىرى يەڭدى دېدى، خەۋەرلەرگە قارىغاندا نۆۋەتتە غەرپ ئەللىرى قۇمدەك چېچىلاڭغۇ سۈرىيە ئۆكتىچى گۇرۇھىنى 22-يانۋار ئۆتكۈزلىدىغان جەنۋە تىنچلىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئەرەپ باھارى ھەرىكىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ ، سۈرىيە ۋەزىيىتىدە تەلتۆكۈس ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.

  ئۆتكەن ئۈچ يىلدا دۆلەت ئىچىدە توقۇنۇش بولۇۋاتقان مەزگىلدە سۈرىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرى ئۇرۇش ئوتلىرىدا ۋەيران بولدى، ئەمما ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر شۇنىڭغا دېققەت قىلدىكى، نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئەنگىلىيەنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى چەت مەھەللىدە ھەشەمەتلىك بىر قورومۇ تالاپەتكە ئۇچرىدى، ئۆينىڭ دېرىزىلىرى چېقىلغان، تاملىرى ئۆرۈلگەن ئىدى، بۇ ئۆيدە سۈرىيە پىرېزىدېنتى باشارنىڭ ئايالى ئاسما ۋە ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى تۇراتتى، ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باشار ھۆكۈمىتىگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەر دائىم بۇ ئۆيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئاچچقىنى چىقىرىدىكەن، ئەتراپتىكى قوشنىلار ئۆي ئىگىسىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىكەن، ئەمما ئەمدى ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇدىغان بولدى، يېقىندا غەرپ ئەللىرىنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە يۇمۇرىستىك ئۆزگىرىش بولدى، غەرپ ئەللىرى باشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىشتىن باشار ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلىشتەك سىياسىي ئۆتكۈنچى لايىھەگە ئۆتتى.

  ئەمەلىيەتتە غەرپ ئەللىرىنىڭ باشار ھاكىمىيىتىگە تۇتقان پوزىتىسيەدە بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى ئۆزگىرىش بولغان ئىدى، بۇنداق ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولغان سەۋەپنى ئامېرىكا ۋە غەرپ ئەللىرى ئويلىمىغان ، 2013-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ، سۈرىيەنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، باشار ھاكىمىيىتى ئىلگىركى كۈنسىېرى چىقىش يولى تاپالماسلىقتىن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ۋەزىيىتىگە ئۆتتى شۇنداقلا يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە قەدەممۇ قەدەم ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنى قولىغا ئالدى، غەرپ دۆلەتلىرى ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ ئارقا ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇشىدەك ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى، تېىخمۇ مۇھىمى سۈرىيە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىچكى ئۇرۇش بارغانسېرى ئەدىدى، ئېكىستىرزىمچى كۈچلەرنىڭ قورالى جەڭگىۋارلىقىنى كۆرسەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆرۈنەرلىك بازا تەشكىلاتى تۈسىنى ئالغان تېررورچى ئۇنسۇرلارمۇ بار.

  «ئامېرىكا ئاۋازى» تور بېكىتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ ئۈچىنچى يىلغا قەدەم قويۇشىغا ئەگىشىپ، باشقا ئىسلام قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئارقا ئارقىدىن بۇ دۆلەتكە كەلگەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەرەپ دۆلەتلىرىدىن ، بەزىلىرى يىراق قازاقئىستاندىن، ئاۋىستىرالىيە ۋە ھىندونوزىيەدىن كەلگەن ئىدى، خەلقئارا ئىكىستىزىم تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچىرىگە قارىغاندا، 74 دۆلەتتىن كەلگەن 11 مىڭ كىشى سۈرىيە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلاتقا كىرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە غەرپ دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغانلار داۋاملىق كۆپەيگەن، بۇنچە كۆپ چەتئەللىكلەرنىڭ سۈرىيەگە كېلىپ ئۇرۇشقا قاتنشىىشى غەرپ ئەللىرىنى بارغانسرى ئەندىشىگە سالدى، خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: سۈرىيە ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلاتلار ئىچىدە بەزىلىرى بازا تەشكىلاتىغا سادىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بېرىپ كىرگەن، بەزىلىرى سۈرىيەنى سىياسىي بىلەن دىن بىرلەشكەن ئىسلامى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا بەل باغلىغان.

  بۇنداق ۋەزىيەت ئامېرىكا ۋە غەرپ ئەللىرىنى ئەندىشىگە سالدى، ھەتتا چۆچۈتتى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان مەلۇم گېزىتتە مۇنداق دېيىلدى: غەرپ ئەللىرى باشار ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر، چۈنكى غەرپ دۆلەتلىرى ئەسەبى دىنى ئېكىستىرىزمچى كۈچلەرگە قارىغاندا باشار ھاكىميىتىنى بەكرەك قوبۇل قىلىدۇ، غەرپ ئەللىرىنىڭ ئەندىشسى بىكار ئەمەس، بازا تەشكىلاتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى 4-يانۋار ئىراقتنىڭ پايتەختى ئەتراپىدىكى مۇھىم بازار فالۇجادا ئىسلام خەلىپە دۆلىتى قۇرۇشنى جاكارلىدى، بۇ بازا تەشكىلاتىنىڭ 2003-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ دۆلەتتە كونترول قىلىغان مۇھىم شەھەر، بۇ غەرپ دۆلەتلىرىنى بەك چۆچۈتتى.

  تەھلىل قىلىنىشىچە، بازا تەشكىلاتىنىڭ ئىستراتېگىيەسى سۈرىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك كارىدورنى ئېچىپ، خادىملارنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەركىن بېرىپ كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تېخىمۇ زور دائىرىدە ئىسلام خەلىپە دۆلىتى قۇرۇشقا يول ئېچىش، سۈرىيەدىكى ئىچكى مالىمانچىلىق مەزكۇر تەشكىلاتغا ناھايىتى ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى، بازا تەشكىلاتى ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋانغا باستۇرۇپ كىرىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، غەرپ ئەللىرى بۇ ۋەزىيەت مۇقىملىشىپ قالغان ھامان تېررورچى ئۇنسۇرلار يېڭىباشتىن غەرپ دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلارمىكىن دەپ ئەندىشە قىلدى، ئەمەلىيەتتە ياۋروپالىقلار ئېكىستىرىزمچى كۈچلەرنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئەدەپ كېتىشىگە ئامېرىكىدىن بەكرەك دېققەت قىلىدۇ چۈنكى ئوتتۇرا شەرق بىلەن ياۋروپا جۇغراپىيەلىك جەھەتتە بىرى بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، ياۋروپا ئېكىستىرىزمچى كۈچلەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچراشتىن تېخىمۇ ئەنسىرەيدۇ.

  جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شياۋشيەن ئېلىمىزدە چىقىدىغان «دۇنيا خەۋەرلىرى گېزىتى»گە مۇنداق دېدى: ھازىر ئامېرىكىنىڭ پوزۇتسىيەسى باشارنىڭ تەخىتتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلىشتىن، رادىكال كۈچلەرنىڭ سۈرىيەدە كۈچىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا ئۆزگەردى. بۇلتۇر 12-ئايدا ئامېرىكا كەسكىنلىك بىلەن سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى جانغا زامىن بولمايدىغان قوراللار بىلەن تەمىنلەشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى، ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا ئەگەشتى. تۈركىيەمۇ سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى زور كۈچ بىلەن قوللاش مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، سۈرىيە بىلەن بولغان چىگرىسىنى تاقىدى. ھازىر ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئاۋىسترالىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئاسترېتتىن سۈرىيەگە ئادەم ئەۋەتىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشمەكتە.

  ھازىر ئامېرىكا بىلەن غەرىب دۆلەتلىرى سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق جەنۋە خەلقئارالىق يىغىنىنى ئېچىشقا پائال تەييارلىق كۆرمەكتە. بۇ قېتىمقى يىغىندا سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارانىڭ يۈكسەك دېققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. جامائەتچىلىكنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بىر قىسىم غەرىب دۆلەتلىرى سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەيدانى مۇناسىۋىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى جەنۋە يىغىنىدا مەلۈم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلىشى مۇمكىن. 15-يانۋار ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زارىف جەنۋە يىغىنىغا يول ئېچىش ئۈچۈن سۈرىيەگە باردى. ئىران سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى دەپ قارالماقتا.

  لى شياۋشيەن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: باشارنىڭ 3 يىلدىن بۇيان كىرزىسقا بەردەشلىق بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە نەچچە قېتىم خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى ئۇنىڭ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. باشارنىڭ تەپەككۇرى ناھايىتى ئوچۇق. ئۇ ئەسلىدە دادىسى سابىق پىرېزىدېنت ئاساد تاللىغان ئىزباسار ئەمەس ئىدى، سابىق پىرېزىدېنت ئاساد باشارنىڭ ئاكىسىنى ئىزباسار قىلىش ئۈچۈن كۆپ يىل تەربىيەلىگەن ئىدى، ئەمما ئۇ بەخىتكە قارشى ماشىنا ۋەقەسىدە قازا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئاساد لوندوندىن چىش دوختۇرى بولغان باشارنى ناھايىتى جىددىي چاقىرتىپ كېلىپ تەربىيەلشكە باشلىدى. باشارنىڭ ئايالى ئاسما گەرچە ئەرەپ پۇشتىدىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەنگلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بىر باي سودىگەرنىڭ قىزى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش باشاردا بىر قەدەر ئۇچۇق تەپەككۇر شەكىللەندۈرگەن. باشار ئۈچۈن ئۈچۈن ئېيتقاندا 2013-يىلى ناھايىتى مۇھىم، بولۇپمۇ خىمىيىلىك قورالغا تىنچلىقنى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدە، ئۇ ناھايىتى ئاقىلانىلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ئەگىشىپ، رۇسىيەنىڭ كىرزىسنى ياراشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىپ، پۇرسەتنى ياخشى تۇتىۋالدى.

  بۇنىڭدىن باشقا باشار ھاكىمىيىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىپ تۇرالىشىدا، يەنە تۆۋەندىكى ئىككى ئامىل بار: بىرى، سۈرىيەدىكى كىشىلەر كۈچىنىڭ شەكىلىنىش ئالاھىدىكى؛ باشار ۋە سۈرىيەدە ھوقۇق تۇتىۋاتقان سىنىپ سۈرىيەدە نوپۇسى بىر قەدەر ئاز بولغان شىئە مەزھىپىنىڭ ئاللاۋىي گۇرۇھى. سۈرىيەدە سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر زور كۆپسانلىقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلاردىن باشقا يەنە كۇرتلار، خىرىستىيانلار دېلۇز گۇرۇھى قاتارلىق مۇھىم كىشىلەر توپى بار بولۇپ، ئۇلار باشار تەخىتتىن چۈشكەندىن كېيىن، تەخىتكە چىقىدىغان سۈنئىي مەزھىپىنىڭ ئۆزلىرىنى كەمسىتىشىدىن ئەنسىرەپ، باشارنىڭ ئەتراپىغا زىچ توپلاشتى.

  بۇلاردىن باشقا سۈرىيە ھۆكۈمىتىدە ئاللاۋىي گۇرۇھىدىكىلەر مۇستەھكەم يادرولۇق كۈچ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ئەرەپ گۈللىنىش پارتىيەسى تۈزۈلمىسىدىكى ھاكىمىيەتلەر بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈنئىي مەزھىپىنىڭ نۇرغۇنلىغان يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەرنى قاپلىغانلىقتىن، ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئاساسى بىر قەدەر مۇستەھكەم.

  لى شياۋشيەن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سۈرىيە ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرا شەرىقنىڭ يۈرىكى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا سۈرىيە ۋەزىيىتى كونتروللۇقىنى يوقاتقان ھامان، ئوتتۇرا شەرىق رايونىغا ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن: تۈركىيە، لىۋان، ئىراق، ئىئوردانىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كىرزىس پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە كىرزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى سۈرىيە خەلقىنى كۆزدە تۇتقانلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۇتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى كۆزدە تۇتقانلىقتىندۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر