باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلان قىلىنىدۇ

2013.12.27 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ مېي 26-چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە مائارىپ مىنىستىرلىقى 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى بويىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش پىكرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈۋاتىدۇ، كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلان قىلىش مۆلچەرلەنمەكتە.

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى ئۆلكىلەر 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، شارائىتى يار بېرىدىغان ئۆلكىلەر ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى ياكى مەخسۇس ئىسلاھات سىنىقىنى باشلايدۇ، 2017-يىلى خۇلاسىلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ، 2020-يىلى يېڭى ئىمتىھان-ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. (ۋۇ جىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر