باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ 1- يىغىنىدا ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان 7569 پارچە تەكلىپنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ، جاۋاب قايتۇرۇلدى

2013.12.27 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-سانلىق يىغىنىدا 25-چېسلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپ،تەنقىد ۋە پىكىرلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان 7569 پارچە تەكلىپنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ، جاۋاب قايتۇرۇلغان.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى خې يېخۇي دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە دائىمىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ھەر قايسى بېجىرگۈچى ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە بېجىرىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، بېجىرىش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى تاپشۇرۇۋېلىش، بېجىرىش ۋە نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. تەكلىپتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغانلىرى ياكى تەدرىجىي ھەل قىلىنىدىغانلىرى تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %81 ىنى ئىگىلەپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن يۇقىرى بولدى. كۆپلىگەن ۋەكىللەر بېجىرىش خىزمىتىدىن رازى بولغانلىقىنى ياكى ئاساسەن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. (مۇخبىر ماۋ لېي، پېڭ بو خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر