باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئۆزىگە ئالاقىدار ئىشلارنى دوكلات قىلىشنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى

2013.12.30 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا «رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبىرى كادىرلارغا بولغان نازارەتنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: رەھبىرى كادىرلار جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى 2010-يىلى تارقاتقان «رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسى ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە»گە ئاساسەن، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىپ، تولدۇرغان مەزمۇنىنىڭ ھەقىقىي، توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: رەھبىرى كادىرلار دوكلات ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى لازىم. نامۇۋاپىق سەۋەبلەر بىلەن ۋاقتىدا دوكلات قىلمىغان، ئەينەن دوكلات قىلمىغان ياكى يوشۇرغان بولسا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، تەنقىدىي تەربىيە بېرىش، چەكلىك مۇددەت ئىچىدە تۈزەش، تەكشۈرۈشكە بۇيرۇش، سۆزلىشىپ ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش ياكى ئىش ئورنىدىن يۆتكەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان بولسا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ. ئومۇمەن ئەينەن دوكلات قىلمىغان ياكى يوشۇرغان بولسا، بىردەك ئۆستۈرۈشكە، زاپاس كادىرلار ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىشىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئاساسلىقى دوكلات ماتېرىياللىرىنىڭ ھەقىقىيلىقى ۋە مۇكەممەللىكى تەكشۈرۈلىدىكەن، ھەر يىلى بەلگىلىك نىسبەتتە خالىغان ۋاقىتتا ئارىلاپ تەكشۈرۈلىدىكەن شۇنداقلا خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تاللاپ ئۆستۈرۈلىدىغان بىر قىسىم تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرى، زاپاس كادىرلار نامزاتلىقىغا كىرگۈزۈلگەن ئوبيېكتلار ھەم باشقا تەكشۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئوبيېكتلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر