باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچ چوڭ پۇرسەتكە دۇچ كېلىدۇ، داۋاملىق يېڭى ۋەزىيەت ئېچىلىدۇ

2013.12.30 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2010-يىلى مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشتەك يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچقا كىردى. ئۈچ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى تارىخى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى، 2014-يىلى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلىدە شىنجاڭ يېڭى تارىخى پۇرسەتكە دۇچ كېلىدۇ.

  1-چوڭ پۇرسەت: 12-ئاينىڭ 19-كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا يېڭىدىن ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان يېتەكچى ئىدىيە ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنىڭ ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ئۆتكۈر قۇرال سۈپىتىدە ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكنى يېڭى قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  2-چوڭ پۇرسەت: مەركەز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتەك ئىستراتىگىيەلىك ھەل قىلغۇچ تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشى توغرىسىدا مۇھىم تەستىق سېلىپ، ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى. شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلگەن كۆۋرۈكى، يىپەك يولىنىڭ ئەڭ يادرولۇق بەلبېغى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭىدىن زور خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.

  3-چوڭ پۇرسەت: مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتەك تارىخى خاراكتېرلىك قارارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، تەرەققىيات مۇقىملىق قېيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، خىزمەت يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ۋەزىيەتكە قارىتا مېڭىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، خەلقئارا ئىقتىسادى ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە مۇقىمسىزلىقىنى، مەملىكەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۇقەررەرلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىدىكى مەسىلىلەر، يۇشۇرۇن خەۋىپلەر ۋە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى پۇرسەتنى چوڭقۇر تونۇپ، كۈلپەت ئېڭى، ئالغا ئىلگىرلەش ئېڭى، پۇرسەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەتنى يارىتىشمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر