باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋىيە قاماپ قويۇلغان ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خادىملىرىنى قويۇپ بەردى

2013.12.30 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: 27-دېكابىر لىۋىيە تۇتۇۋالغان ئامېرىكىلىق تۆت ھەربىي خادىم قويۇپ بېرىلدى.

  بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: ئامېرىكىلىق بۇ تۆت ھەربىي خادىم 27-دېكابىر كەچتە پايتەخت ترىپولىنىڭ غەربىگە 80 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردىكى كىچىك بازار ئەتراپىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خادىملار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان. شۇ چاغدا ئۇلار ئىككى دالا ماشىنىسى ھەيدەپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ماشىنىدا قورال ۋە ناھايىتى ئىلغار خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى بار ئىكەن. لىۋىيە دائىرىلىرى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارنى تۇتۇپ قالغان. ئامېرىكىلىق ھەربىي مۇنداق دېدى: بۇ ئامېرىكىلىق ھەربىي خادىملار ئىنتايىن ناچار شارائىتتا لىۋىيەدىن ئامېرىكىغا چېكىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا يول خەرىتىسى پىلانلاش ئۈچۈن، بىخەتەرلىك مانېۋىرى قىلىۋاتقان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر