خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 26-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق چوڭ سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز پارتىيە ۋە خەلقنىڭ 90 نەچچە يىللىق ئەمەلىيىتى ۋە تەجرىبىسىنى ھەرۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلايدىغان ۋە قەتئىي يوقىتىشقا بولمايدىغان مىزان قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۇزاق ئەمەلىيەت ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاچقان توغرا يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تارىختىكى جاپا-مۇشەققەت ۋە پارلاقلىقنى ئۇنۇتماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە سادىق بولۇپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇ-ئۈمىدنى يەردە قويماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ يولىدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا باسايلى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا ليۇ يۈنشەن رىياسەتچىلىك قىلدى. (نى گۇاڭخۇي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى