باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيەلىك «قارا تۇل خوتۇن»نىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلدى

ئالدىنقى ئېرىنىڭ ھەر ئىككىسى تېررورچى

2013.12.30 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلغان ئايال روسىيەدە ئادەتتە «قارا تۇل خوتۇن» دېيىلىدۇ، ئۇلار ئىلگىرى كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان. ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلغۇچى ئايال 2010-يىلى 3-ئايدا موسكۋادىكى ئىككى مېترو بېكىتىگە پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلىپ، ئاز دىگەندە 35 ئادەم ئۆلۈپ، 120 دىن كۆپرەك ئادەم يارىلانغان. ئۇلار يەنە 2004-يىلى ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتلىتىپ، 90چە ئادەم ئۆلگەن ۋەقەگە چېتىلىدۇ.

  ئەڭ يېڭى خەۋەر: «بۈگۈنكى روسىيە»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 29-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ۋولگاگراد پويىز ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلغان «قارا تۇل خوتۇن»نىڭ سالاھىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلدى. ئۇ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، ئسىمى ئارسلانوۋا بولۇپ، ئالدىنقى ئىككىلا ئېرى روسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان تېررورچىلار ئىكەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى ۋولگاگرادقا ھۇجۇم قىلغان يەنە بىر «قارا تۇل خوتۇن» بىلەن ياخشى دوستلاردىن ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر