باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنشيا گۇرۇھى «چاڭجياڭ سەنشيا قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي خاتىرىسى»نى ئېلان قىلدى

2013.12.30 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 29-دېكابىر جۇڭگو چاڭجياڭ سەنشيا گۇرۇھى شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، سەنشيا گۇرۇھى ئاممىغا سەنشيا قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا بىلدۈرۈش ئۈچۈن، «چاڭجياڭ سەنشيا قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنىڭ 2003-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئەمەلىي خاتىرىسى»نى ئاشكارا ئېلان قىلغان. بۇ ئەمەلىي خاتىرە ئاساسلىقى سەنشيا تۈگۈنى ئىمارەتلىرى، سەنشيا سۇ ئامبىرىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى، توك تارقىتىش، سۇ قاتنىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق بەش جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سەنشيا قۇرۇلۇشىنىڭ 2003-يىلى سۇ يىغىلىشقا باشلىغاندىن بۇيانقى 10 يىللىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى ۋە سۇ ئامبىرىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك، ھەقىقىي خاتىرىلەنگەن. سەنشيا قۇرۇلۇشى-نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى بولۇپ، 1994-يىلى رەسمىي ئىش باشلانغان، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى-جۇڭگو سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر