باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىنىدۇ

2013.12.30 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار « مالىيەدە مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى پىكىر»نى تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، بۇ پىكىرنى كېلەر يىلنىڭ بېشىدا بېسىپ ئىجرا قىلىش دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلدى، «پىكىر»دە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى تەقسىملەش، ئىشلىتىش، نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىنىدۇ، تونۇشتۇرۇلىشىچە، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى تەستىقلاش ھوقۇقى چېكى پىرىنسىپ جەھەتتىن ناھىيەلەرگە بېرىلىدىكەن، ئۆلكە، شەھەر ئاساسلىق زېھنىنى مەبلەغ ۋە تۈرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا قارىتىدىكەن، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىشنىڭ قاراتمىلىقى كۈچەيتىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرى ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، تۈر مەبلىغى كەنت، ئاھالىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا بىۋاسىتە ئىشلىتىلىدۇ، مەبلەغ باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، نامرات رايونلار بولۇپمۇ مەركەزلىك بىرتۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلاردا نامراتلارنى يۆلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى ۋە زور نامراتلارنى يۆلەش تۈرى سەھنە قىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ۋە تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغ بىرلەشتۈرۈلۈپ، گەۋدىلىك نامراتلىق مەسىلىسى مەركەزلىك ھەل قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر