دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋۇجۇدقا چىقتى
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ۋە سىياسى كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى 3-مارتتىن17-مارتقىچە بېيجىڭدا ئېچىلىپ، دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋۇجۇدقا كەلدى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، قانۇن بويىچە سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارى چىقىرىلىپ، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا بەلگىلەنگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھىم تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە بولدى. يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسى ماقۇللىنىپ، ھوقۇق دائىرىسى ئېنىق، ئىش تەقسىماقى مۇۋاپىق، ھوقۇق-مەجبۇرىيەت بىردەك، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك، قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالەتلەندۈرىلىدىغان گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش تېزلىتىلدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى