باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشتا ھەقىقىي مەلۇم قىلمىغان كادىرلارنى ئۆستۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

2013.12.30 18:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن رەھبىرىي كادىرلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى، رەھبىرىي كادىرلار «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»گە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىشى، دوكلات مەزمۇنىنىڭ ھەقىقىي، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر