باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ مۇساپىسى ئاستا بولماقتا

2013.12.30 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن داۋالاش ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرىدۇ. ئوباما ئىمزالىغان داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى لايىھەسىگە قارىغاندا، 2014-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئامېرىكا ئاھالىلىرى سېتىۋالغان يېڭى داۋالاش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى كۈچكە ئىگە بولۇشقا باشلايدۇ، 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئاھالىلىرى ياكى داۋالاش ئىسلاھاتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ياكى جازاغا ئۇچرايدۇ.

  خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ «ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىنى» قوللاش نىسبىتى يېڭى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن.

  ئوبامانىڭ ئۆزىمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2014-يىلى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام سىنىقىنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ داۋالاش ئىسلاھاتىنى قوللايدىغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى داۋالاش ئىسلاھاتى مەسىلىسى سەۋەبىدىن تېخىمۇ زور بېسىمغا ئۇچرايدۇ، مەنمۇ بۇنىڭغا مەسئۇل بولىمەن، ئەمما پارلامېنتتىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشقا تەسىر كۆرسىتىش ياكى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان ھەر قانداق لايىھەسىنى قوبۇل قىلمايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر