12-ئاينىڭ 28-كۈنى، شى جىنپىڭ بېيجىڭنىڭ خەيديەن رايونىدىكى سىجىچىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ياشانغانلار قىرائەتخانىسىدىكىلەر بىلەن رەسىمگە چۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى
12-ئاينىڭ 28-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى پار كارخانسى بىلەن ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ياشانغانلاردىن ھال سورىدى، مەملىكەتتىكى بارلىق ياشانغانلارغا بەخىت تىلىدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى