باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇنەن خېڭياڭدىكى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسىنى تەكشۈردى

2013.12.30 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 27-ۋە 28-دېكابىر ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، خېڭياڭ شەھەرلىك 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلىدە پارا بېرىش ئۇسۇلى بىلەن سايلانغان 56 نەپەر ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى قانۇن بويىچە ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلدى، خېڭياڭ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى كومىتېتلىرى تۈنۈگۈن ئايرىم ئايرىم يىغىن ئېچىپ، خېڭياڭ شەھىرىنىڭ پۇل ۋە نەرسە قوبۇل قىلغان 512 نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ ئىستىپانامىسىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى.

  2012-يىلى 28-دېكابىردىن 2013-يىلى 3-يانۋارغىچە خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرىدە 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ئېچىلدى، جەمئىي 527 نەپەر ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى، خۇنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش جەريانىدا پارا بېرىش ۋاسىتىسى بىلەن سايلام ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىدىغان ئېغىر دېلو يۈز بەردى، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولىشىچە، جەمئىي سايلاپ چىقىلىغان 56 نەپەر ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ پۇل بىلەن ئاۋاز توپلىغانلىقى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ 110 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى، 518 نەپەر خېڭياڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋە 68 نەپەر يىغىن خادىمىنىڭ پۇل ۋە نەرسە قوبۇل قىلغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى. باشقا ئەھۋاللاردىن ئىگەللىنىشىچە، خۇنەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى توڭ مىڭجيەن ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، ئۇنىڭ بۇ دېلودا بىۋاسىتە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بار، مەركەز ئۇنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلدى، ھازىر ئىشلار تەرتىپ بويىچە بېجىرىلىۋاتىدۇ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر