باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش

2014.01.06 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى بىر يىللىق ئاسپرانتلىق ئىمتىھانى يېتىپ كەلدى. 2014-يىللىق ماگىستىر ئاسپرانتلىق ئىمتىھانى 4-يانۋار باشلاندى، بۇ يىللىق ئىمتىھان سىياسىتىدە قانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر بار؟

  ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى مۇقىملىشىش ئاساسىدا ئازايغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مىكرو بلوگىدا 4-يانۋار ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىغا 1 مىليون 720 مىڭ ئادەم تىزىملاتقان بولۇپ، 2013-يىلىدىكىدىن 40 مىڭ ئادەم ئازىيىپ، ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى مۇقىملىشىش ئاساسىدا ئازايغان ھەم ئۇدا ئونىنچى يىلىمۇ بىر مىليوندىن يۇقىرى بولغان.

  بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئاسپرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئادەم سانى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئازايغان. 2014-يىلى بېيجىڭدا 249 مىڭ 900 ئادەم ئىمتىھانغا تىزىملاتقان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى 273 مىڭ 400 ئادەمدىن تەخمىنەن %7.85 ئازايغان.

  كەسپىي ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بويىچە ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار %40نى ئىگىلىگەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 680 مىڭ ئادەم كەسپىي ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بويىچە ئىمتىھانغا تىزىملاتقان بولۇپ، 2013-يىلىدىكىدىن 90 ئادەم كۆپىيىپ، ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %40نى ئىگىلىگەن. (جاڭ چېڭ، ليۇ شياۋياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر