26-يانۋار سائەت 08:00 دىن 27-يانۋار سائەت 08:00 گىچە، شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي شىمالى، خېيلۇڭجياڭنىڭ غەربىي شىمالى قاتارلىق جايلاردا ئازراق قار ياكى ئۆتكۈنچى قار ياغىدۇ؛ غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقى، تەيۋەننىڭ شەرقى قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياكى ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ. ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا شەرقى، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئوتتۇرا غەربى، شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا 4 ~ 5 بال شامال چىقىدۇ. شەرقىي دېڭىزنىڭ جەنۇبى، تەيۋەن بوغۇزى، تەيۋەننىڭ شەرقىدىكى ئوكيان يۈزىدە 7 ~ 8 بال شەرقىي شىمال شامىلى چىقىدۇ.