باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۆمۈر سوقۇشتا ئۆز بەدىنى مەزمۇت بولۇشى كېرەك دېدى

2014.01.13 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشىنىشنى نازارەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن خەلق رازى بولىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، مەزمۇت بولغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنىنى تېرىشىپ يېتىشتۈردى.

  تۆمۈر سوقۇشتا ئۆز بەدىنى مەزمۇت بولۇشى كېرەك، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى بۇلتۇر 4-ئايدا ھەر قايسى جايلارغا ئەۋەتىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، دەرھال پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدا ئەزالىق كارتىسىنى مەخسۇس ئېنىقلاپ قايتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى باش بولۇپ دوكلات تاپشۇردى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى رەھبەرلىك كوللېكتىپلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 810 مىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىسىنىڭ ھەممىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە دوكلات تاپشۇردى.

  بۇندىن باشقا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى يەنە يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرۇش كادىرلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ سېكرېتارلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم نازارەت قىلىشتا دادىل بولۇش، نازارەتكە ماھىر بولۇش، نازارەتنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېلو ئارقىلىق ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 89 ئادەمنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى ھەم تىپىك دېلولارنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ ساۋاق، ئىبرەت ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  بۇندىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى رەھبەرلەر قەرەللىك سۆھبەتلىشىش، ئەرز قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش تۈزۈمى ۋە ئورگان كادىرلىرىنى تۈركۈم، مۇددەتكە بۆلۈپ ئەرزىيەت تارماقلىرىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىش، ئەرز قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىشقا قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى يۈزمۇ-يۈز ئاڭلاپ، ئورگان كادىرلىرىنى ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە باغلاشتىن تەربىيەگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر