باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنىدىن بۇيان 1038 پارچە تەكلىپ بېجىرىلدى

2014.01.16 14:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىلاقىز بەكرى خەۋىرى: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدىن 2013 – يىلى 31 – نويابىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە، گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئالاقىدار ئاممىۋى تەشكىلاتلار، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ئاكتىپ چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ تەكلىپ بەردى. بىر يىلدىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 1053 پارچە تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 1038 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى. ھازىر ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولدى.

  بۇ تەكلىپلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ئەھۋال، ئانالىز، كونكرېت تەكلىپ – تەۋسىيەلەر بار بولۇپ، كۈچلۈك ئىلمىيلىققا، قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە، بۇ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ، بۇرچىنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنىڭ روشەن ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەكلىپ بېجىرگەن ئورۇنلار ئۆزئارا پىكىرلىشىپ، كېڭىشىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، نۇرغۇن تەكلىپ – پىكىرلەر ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار سىياسەت، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە تارماقلارنىڭ خىزمىتىدە پايدىلىنىلدى ياكى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. مەسىلەن: زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى سىستېمىسىنى ئورنىتىش، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ سۇ قۇرۇلۇشىنى باشلاش قاتارلىق تەكلىپلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايون زامانىۋى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى، بۇ يىل ئاپتونوم رايون مەبلەغ ئاجرىتىپ، تەتقىقات – ئېچىش مەركىزىدىن ئالتىنى، ئىقتىدارلىق تەتقىقات ئىشخانىسىدىن 30 نى، ناھىيە دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال تەجرىبە پونكىتىدىن 30 نى قۇرىدۇ؛ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ 212 تۈرلۈك يۈرۈشلەشكەن سۇ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 1 مىليون 610 مىڭ مو يەرنىڭ سۇغىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، 25 مىڭ چارۋىچىنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا ئاساس سالىدۇ.

  ئەزالار خەلق تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش قاتارلىق تەرەپلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا چارە – تەدبىر كۆرسەتتى. مەسىلەن: يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قارىتا، ئەزالار ئەسلىھەلەرنى تولۇق يۈرۈشلەشتۈرۈشكە، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سىياسەت جەھەتتە كۆپرەك مايىل بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىپ بەردى، نۇرغۇن تەكلىپ پايدىلىنىلدى. ئاپتونوم رايون قىيىنچىلىقى بار، ئىشسىز ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنى 2013 – يىلى خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ۋە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزدى ھەم ھەر بىر ئائىلىگە بەلگىلىك مەبلەغ ياردىمى بەردى. ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش جەھەتتىكى تەكلىپ – پىكىرگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھىرى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى 2013 – يىلىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك 120 ئىشنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 933 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتتى.

  سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شەھەر، مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلام سىياسىي – قانۇن قوشۇن قۇرۇلۇشى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈلمىسىنى ياخشىلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ماھىيىتىدىن تۈزەش قاتارلىق تەرەپلەرگە قارىتا قىممەتلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن: مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپكە قارىتا، ئاپتونوم رايون ئۈچ يىل ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كوچا، مەھەللىلەردىكى ياش كادىرلارغا ‹‹قوش تىل›› ئۆگىتىدۇ. ھازىر ئالتە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)دە كېڭەيتىشنى بېكىتتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر