باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاندا تۇنجى قېتىم بىر ئايال پايتەخت ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى

2014.01.16 17:09   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئافغانىستاندا تۇنجى قېتىم بىر ئايال پايتەخت ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى

  ئافغانىستان پايتەختى كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن تۇنجى ئايال ـــ جەمىلە باياز

  خەلقئارا لىىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى››نىڭ 15-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم بىر ئايالنى پايتەخت ساقچى ئىدارسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن، بۇ نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا كىرىشكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىغان. نۆۋەتتە، ئافغانىستان ساقچى ئىدارىسىدىكى ئاياللارنىڭ سانى پەقەت بىر پىرسەنتكىلا يەتسىمۇ، ئەمما ئۇلار دائىم دېگۈدەك قوراللىق ئۇنسۇرلار، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قوراللىق تەھىدىتىگە دۇچ كېلىدىكەن.

  خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، جەمىلە باياز ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇشتىن ئىلگىرى پايتەخت كابۇل ساقچى باش ئىشتابىنىڭ تەكشۈرۈش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان بولۇپ، 25 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى باركەن.

  جەمىلە ئۆزىنىڭ ‹‹ئېزىلگەن كىشىلەر›› ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىم تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنىڭ ساقچى تارماقلىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارىغان.

  ئەمما، خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئافغانىستاندىكى ئايال ساقچىلار ناھايىتى ئاسانلا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالىدىكەن، ھەتتا نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش
      ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
      ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى