باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشى فۇپىڭدىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

2014.01.14 16:29         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى 14-يانۋار تېلېگراممىسى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان شەنشى ئۆلكىسى فۇپىڭ ناھىيەسىدىكى تۇغۇت دوختۇرى جاڭ شۇشيانىڭ بوۋاق ساتقانلىق دېلوسىغا بۈگۈن(14-يانۋار) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00لاردا ۋېينەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. جاڭ شۇشيانىڭ بوۋاقلارنى سېتىش جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش، شۇنداقلا ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھۆكۈم قىلىندى.

  2013-يىلى 16-ئىيۇل، شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى فۇپىڭ ناھىيەسى شۆجېن كەنت ئاھالىسى دۇڭ X فۇپىڭ ناھىيەلىك ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدا بىر ئوغۇل بوۋاقنى يەڭگىگەندىن كېيىن، تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شۇشيا بوۋاقنىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە ‹‹بوۋاق تۇغما يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان ۋە تۇغما مېيىپ›› دېگەن، بۇنىڭ بىلەن، بوۋاقنىڭ دادىسى بوۋاقتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى، دوختۇر جاڭ شۇشيانىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ھاۋالە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئارقىدىن، بوۋاقنىڭ ئۆيىدىكىلەر بوۋاقنىڭ سېتىلغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، فۇپىڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى چېڭگۈەن ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ دېلونىڭ ئۆلكە ھالقىغان بوۋاق سېتىش شايكىسىغا چېتىلىدىغان دېلو ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. 16-ئىيۇل كەچ، جاڭ شۇشيا دۇڭ X يەڭگىگەن بوۋاقنى ‹‹كېسەل›› دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى بوۋاقتىن ۋاز كېچىپ، بوۋاقنى ئۆزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ھاۋالە قىلىشقا ئازدۇرغان. بۇ جەرياندا، جاڭ شۇشيا سەنشى ئۆلكىسىدىكى جىنايەت گۇماندارى پەن X بىلەن ئالاقىلەشكەن، 17-ئىيۇل سەھەر سائەت 3:00تە، پەن X بىلەن سۈي X ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەنشى ئۆلكىسىدىن فۇپىڭ ناھىيەسىگە كېلىپ، 21 مڭ 600 يۈەنگە بوۋاقنى سېتىۋېلىپ، جاڭ شۇشيانىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەن، ئارقىدىن بۇ بوۋاقنى 30 مڭ يۈەنگە باشقا جىنايەت گۇماندارىغا سېتىۋەتكەن.

  دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىلگىرى بۇ دوختۇرخانىدا تۇغقان ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى بۇ دوختۇرخانىدا تۇغۇلغان بالىلىرىنىڭمۇ دوختۇرلار تەرىپىدىن مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىدىن گۇمان قىلىپ، فۇپىڭدىكى ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلغان.

  شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 30-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دا، فۇپىڭ ناھىيەلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جاڭ شۇشيانىڭ بوۋاق ساتقانلىق دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئاچقان. تەكشۈرگۈچى تەرەپ ‹‹جاڭ شۇشيا ئالتە قېتىمدا يەتتە بوۋاقنى ساتقان، شۇنداقلا بىر بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان›› دەپ شىكايەت قىلغان.

  مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 30 دىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ 50 دىن ئارتۇق مۇخبىرى ۋېينەنگە كېلىپ بۇ دېلو توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. ۋېينەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ زالىدا سوت ئاچقان، 150تىن ئارتۇق ئادەم سوتقا سىرتتىن قاتناشقان.

  5-ئاۋغۇست، ساقچىلار دۇڭ X نىڭ ئوغلىنى تېپىپ قايتۇرۇپ كەلگەن.

  9-ئاۋغۇست، جاڭ شۇشيا قاتارلىق توققۇز نەپەر جىنايەت گۇماندارى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، فۇپىڭ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى لى شۆپىڭ، سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جى شىنمىن، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بيەن سىمېي، ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ياۋ جۈنمىن ۋە پەرۋىش خىزمىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى سۇڭ فېنلىڭ قاتارلىق ئالتە ئادەم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر