باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2014.01.16 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى،

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگىزۈش لايىھەسى (لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 15-كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى چاقىرىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئىناۋەت ـــ بازار ئىگىلىكىنىڭ «ئۇلى». ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش ـــ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ئۇللۇق قۇرۇلۇش، ئۇ بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا، سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە، ئىقتىسادىي ھەرىكەت ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتنىڭ كۆزلىمىلىكى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، شۇنداقلا ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، «ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش» بىلەن «باشقۇرۇش»نى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈر شەرتى. لەۋزىدە تۇرمايدىغان قىلمىشنى تىزگىنلەش ئىگىلىك تىكلەش-ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھام بېرىش، ئىستېمالنى قوزغاش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم، جەزمەن شۇنداق قىلىش تولىمۇ زۆرۈر تۇرۇپتۇ. بىراق، نۆۋەتتىكى ئىناۋەتنىڭ كەمچىللىكى تەرەققىياتىمىزنى روشەن چەكلەپ تۇرىۋاتىدۇ. ساختا تاۋار ياساش-سېتىش، سودا ئالدامچىلىقى، قەرزدىن قېچىش-قەرز ئالدامچىلىقى، ئىلىم-پەندىكى ناچارلىق ۋە باشقا ئەھۋاللار پات-پات كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بۇلار كارخانا ۋە جامائەتكە ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرىۋاتىدۇ. چوقۇم كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت ئەھۋالىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشىلىشىمىز كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر