باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساۋ جيەنمىڭ چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلدى

2014.01.17 13:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-يانۋار چۈشتىن كېيىن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئاچتى، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ، چىرىكلىكنى جازالاشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەپتىش ئورۇنلىرىنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئۆزىنىڭ چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش پاكلىكنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ساۋ جيەنمىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەپتىش ئورگانلىرى ۋەزىپىدىكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، دېلو بولسا جەزمەن تەكشۈرۈشى، چىرىكلىك بولسا جەزمەن جازالىشى ھەم رەھبىرى ئورگانلار ۋە رەھبىرى كادىرلاردىكى پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك، ئەمەل سودىسى، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق جىنايەت دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەم مۇھىم ساھەلەر، ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلەشكەن جىنايەتچىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆزىدە ساقلانغان تۈرلۈك قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپ بولغان، بولۇپمۇ مۇناسىۋەت دېلولىرى، ئادەمگەرچىلىك دېلولىرى، پۇل دېلولىرى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئادىل بولماسلىق، ئەدلىيەدە چىرىكلىشىش دېلولىرىنى بايرىقى روشەن ھالدا قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، قوشۇندىكى ئاممىغا زىيان يەتكۈزگەنلەرنى قەتئىي تازىلاپ، قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتىسىيەسى بىلەن ئۆزىدىكى چىرىكلىشىش ھادىسىلىرىنى تازىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر