باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى

2014.02.07 09:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29 – يانۋار تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى 29 – يانۋار مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە تاماكا چېكىشنى چەكلەشكە دائىر ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىپ، ‹‹ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەردە تاماك چېكىشنى چەكلەش››،‹‹ئالىي مەكتەپلەردە تاماكا چېكىشنى قەتئىي چەكلەش››،‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش››قاتارلىق بىر يۈرۈش چەكلەش بۇيرۇقىنى ئوتتورىغا قويدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر قانداق كىشىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلەر، يەسلىلەرگە كىرگەندە، ھەر قانداق جاي، ھەر قانداق ۋاقىتتا تاماكا چېكىشى بىردەك چەكلىنىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتە تاماكا چېكىشنى چەكلەشتىكى 1 – جاۋابكار بولىدۇ. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان يېرىگە ‹‹ئىس – تۈتەكسىز مەكتەپ››دېگەن ۋىۋىسكا ياكى تاماكا چېكىشنى چەكلەش بەلگىسى چاپلىنىشى، مەكتەپلەردە تاماكا چېكىش رايونى تەسىس قىلىنماسلىقى، مەكتەپلەردە كۈلدان قاتارلىقلار قويۇلماسلىقى، مەكتەپلەردە تاماكا ئېلانى چاپلانماسلىقى ياكى مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش بىنالىرىغا تاماكا ماركا نامى قويۇلماسلىقى، مەكتەپلەردىكى كىچىك دۇكانلاردا تاماكا بۇيۇملىرى سېتىلماسلىقى، مەكتەپ سىرتىدىكى خادىملار مەكتەپكە كىرگەندە ئۇلارغا تاماكا چېكىشنى چەكلەش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىنالىرى ئىچىدە تاماكا چېكىش قەتئىي چەكلىنىشى، تاماكا چېكىش ئۆيى تەسىس قىلىنماسلىقى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەشۋىق – تەربىيە كۈچەيتىلىشى كېرەك. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، دۇنيا تاماكا چەكلەش كۈنى، يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق مۇھىم ۋاقىت ۋە پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، دەرسخانىلاردا، لېكسىيەلەردە، پارتىيە ۋە ئىتتىپاق پائالىيەتلىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا تاماكا چېكىشنى چەكلەش تەربىيەسى قىلىشى كېرەك. جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ‹‹ئىس – تۈتەكسىز مەكتەپ››قۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشى، تاماكا چېكىشنى چەكلەش خىزمىتىدە تەدبىر جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك ئەھۋالىغا قارىتا مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى چىقىرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر