باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى نىشانلىق باھا تۈزۈمى تەدرىجىي ئورنىتىلىدۇ

2014.02.07 08:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ كومىتېت بۇ يىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازار باھاسى ۋە تەڭشەپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھا شەكىللىنىش مېخانىزمى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىمىسىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىشانلىق باھا تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، بازار باھاسى بەك يۇقىرى بولغاندا، تۆۋەن كىرىملىك ئىستېمالچىلارغا، بازار باھاسى نىشانلىق باھادىن تۆۋەن بولغاندا، پەرقلىق باھا بويىچە ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىدىكەن.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئېلىمىز دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بازارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھا شەكىللىنىش جەريانىدىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يىل بىر قىسىم تۈرلەر ۋە رايونلارنى تاللاپ، ئالدى بىلەن سىناق قىلىدۇ.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق دېدى: بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىش كۈچەيتىلىپ، ھازىرقى سىياسەتلەرنى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۈچەيتىش ئاساسىدا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار سېلىنمىسىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار سېلىنمىسىنىڭ يوللىرى پائال كېڭەيتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ كۆلىمى داۋاملىق ئاشۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما مەبلىغى چارىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تولۇقلىمىنىڭ توغرىلىقى، يۆنىلىشى كۈچەيتىلىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تولۇقلىمىدا ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، تولۇقلىما مەبلىغىنىڭ تېخىمۇ زور ئۈنۈمى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر