باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ئېلان قىلىندى

2014.02.07 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار يېقىندا ئېلىمىز يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنىڭ ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى: نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 699 دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ناھىيەسىدىكى 100 مىڭغا يېقىن مەكتەپتە ئاشخانا تەسىس قىلىنىپ، 22 مىليون 400 مىڭ ئوقۇغۇچى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشمەكتە.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 2011-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، دۆلەت تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلاردا يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويغان. 2013-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە 22 سىناق ئۆلكىدىكى 699 سىناق ناھىيە جۈملىدىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەندىكى 19 پولىك مەيداندا 100 مىڭغا يېقىن مەكتەپ مەكتەپ ئاشخانىسى تەسىس قىلغان، بۇنىڭدىن 22 مىليون 400 مىڭ ئوقۇغۇچى نەپكە ئېرىشكەن.

  بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلار دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى نامرات يېزا رايونلىرىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 20 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرغانلىقىدىن ناھايىتى ھەيران قالدۇق، دۇنيادىكى 90 دىن ئارتۇق مەكتەپلەر تاماق تەمىنلەيدىغان دۆلەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەن، دەپ ھېسابلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر