- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
فېۋرالدا شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلىتى ئالاھىدە باھادا سېتىلىدۇ
2014.02.07 09:33 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئۈرۈمچى-كورلا ئايروپىلان بېلىتى ئارانلا 130 يۈەن
28-يانۋار، مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە ، چاغان مەزگىلى بولغان فېۋرالدا شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلىتى ئالاھىدە باھادا سېتىلىدىغان بولۇپ ، ئۈرۈمچى-كورلا لىنىيەسىنىڭ ئارانلا 130 يۈەن ئىكەن .
ئىگىلىنىشىچە، چاغان مەزگىلىدە ، ئۈرۈمچى شەھىرى-قەشقەر لىنىيەسىدە قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى 180 يۈەندىن ، ئۈرۈمچى شەھىرى-كورلا لىنىيەسىدە قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى 130 يۈەندىن ، ئۈرۈمچى شەھىرى-غۇلجا ئارىلىقىدا ئەتىگەنلىك قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى 160 يۈەندىن ، ئۈرۈمچى-خوتەن لىنىيەسىدە قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى 250 يۈەندىن ، ئۈرۈمچى شەھىرى-ئاقسۇ لىنىيەسىدە قاتنايدىغان ئايروپىلارنىڭ بېلەت باھاسى 260 يۈەندىن باشلىنىدىكەن .
4-فېۋرالدىن 15-فېۋرالغىچە ، بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولىدىغىنى ئۈرۈمچى -قاراماي لىنىيەسى بولۇپ ، 130 يۈەندىن باشلىنىدىكەن . ئەڭ قىممەت بولىدىغىنى ئۈرۈمچى-خوتەن لىنىيەسى بولۇپ ، 330 يۈەن ئىكەن .
16-فېۋرالدىن ئاي ئاخىرىغىچە ، ئوخشىمىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسىدا يەنىلا ئېتىبار بېرىلىدىكەن، يۇقىرقى باھالار ئايرودۇرۇم قۇرۇش ھەققى ۋە يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر