باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا قايتىش يۇقۇرى دولقۇنى كۆرۈلدى

2014.02.07 11:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-فېۋرال مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا داۋاملىق قايتىش يۇقۇرى دولقۇنى كۆرۈلدى، پۈتۈن كۈندە 8 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭغا قارىتا مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول سىستېمىسى 786 پويىزنى تولۇقلاپ سەپلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ھالقىغان ئۇزۇن يوللۇق بىۋاستە پويىز 452، تۆمۈر يول ئىدارىسى باشقۇرۇشىدىكى ۋاقىتلىق پويىز 316.

  ئوتتۇرا شەرقى قىسىمدا داۋاملىق قار يامغۇر ياغقانلىقتىن، پويىزلارنىڭ بىخەتەر يۈرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن بېيجىڭ شاڭخەي، بېيجىڭ گۇاڭجۇ، جېڭجۇ شىئەن قاتارلىق يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بۆلەكلىرىدە سۈرئەتنى چەكلەش داۋاملىق يولغا قويۇلدى، تۈنۈگۈن مەملىكەت بويىچە توشۇلغان يولۇچى 92 مىليون 280 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشتى، چاغانلىق قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىي 1 مىليارد 770 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشتى.

  تۈنۈگۈن 2014-يىللىق چاغانلىق تىرانسپورت ئۇزاق ئارام ئېلىشى ۋە پىكاپلار ھەقسىز قاتنىغان ئاخىرقى كۈن، مەملىكەت بويىچە يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول، دۆلەت ئۆلكە غول لىنيەلىك تاشيوللار ۋە چوڭ ئوتتۇرا شەھەرلەرگە كىرىپ چىقىش ئېغىزى قايتىش يۇقۇرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، گۇاڭدوڭ قاتارلىق ئۆلكە شەھەرلەردىكى قىسمەن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللار كۆپەيدى.

  قارنىڭ تەسىرىدە خېبېي، شەندوڭ، سەنشى، خېنەن، شەنشى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق قار ياغدى، قسىمەن رايونلاردا يوللارغا مۇز تۇتتى، جەمئىي 64 يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ 80 بۆلىكى تاقالدى، بۇ تاشيول قاتنىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا پايتەخت ئايرودورومىدىن چىققانلار 124مىڭدىن ئاشتى، بېيجىڭغا چۈشكەنلەر 110مىڭغا يېقىنلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر