باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن سۈرىيە يادرو قوراللىرىنى يۆتكەشنى قوغداش بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتىدىكى جۇڭگو-رۇسىيە ھەربىي پاراخوت باشلىقلىرى بىلەن سىنلىق پاراڭلاشتى

2014.02.07 15:43   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن سۈرىيە يادرو قوراللىرىنى يۆتكەشنى قوغداش بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتىدىكى جۇڭگو-رۇسىيە ھەربىي پاراخوت باشلىقلىرى بىلەن سىنلىق پاراڭلاشتى

  ئىككى پاراخوتتىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە بەخت تىلىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال سوچىدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6-چېسلا سوچىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن بىرلىكتە سۈرىيە يادرو قوراللىرىنى يۆتكەشنى قوغداش بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتىدىكى جۇڭگو-رۇسىيە ھەربىي پاراخوت باشلىقلىرى بىلەن سىنلىق پاراڭلاشتى، ئىككى پاراخوتتىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن بايراملىق ھال سورىدى ۋە بەخت تىلىدى.

  ئوتتۇرا دېڭىزدا قوغداش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان جۇڭگو ھەربىي پاراخوتىنىڭ باشلىقى لى پېڭچېڭ بىلەن رۇسىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ باشلىقى پىشكوروف ئۆز دۆلەت باشلىقلىرىغا قوغداش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-رۇسىيە پاراخوتلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ ئىككى قېتىملىق قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىدى. ھازىر پاراخوتلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى، كېيىنكى قېتىملىق ۋەزىپە ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.

  دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن پاراخوتتىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە سۆز قىلدى. (دۇ شاڭزې، شيې ياخۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلى دەرىسىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن چىقىرىۋېتىش لايىھەسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى 
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا يەنە نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ
      ·باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشتا، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ن…
      ·2014-يىللىق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى بېكىتىلدى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟