خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈر ناھىيە «سەر ناز» دېھقانلار كوپىراتىپىنىڭ دېرىكتورى رىسالەت تۆمۈر 28-يانۋار ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسىدىكى يولداشلارنىڭ ھەمراھلىقىدا 5600 يۈەن قىممىتىدىكى ئۆزى تىككەن 20 قۇر پەلتۇ ۋە 20 خالتا ئۇن بىلەن بۈگۈر بازىرىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 20 مېيىپ كىشىدىن ھال سوراپ، جەمئىيەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى . (بۈگۈر ناھىيە سوخۇ يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام ياقۇپ ، ياقۇپ تىلىۋالدى خەۋىرى ، فوتوسى)
سۈرەتتە : ھال سوراش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى